ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىستىلنى تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىي نەتىجىلىرى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 14:50

2019-يىلىدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى خەلقنى مەركەز قىلىش سىياسىي مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك نازارەتلەرنى ماس قەدەمدە كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش شۇنداقلا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىل يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاپ، ئىستىلنى تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش قايتا تەكشۈرۈشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۆزىتىشتىكى قايتا تەكشۈرۈش بىلەن گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ 2019-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىدىكى بىر چوڭ يېڭىلىق يارىتىش، بىر جەھەتتىن بۇ خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، نازارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، يەنە بىر جەھەتتىن مەركەز شەكىلۋازلىقنى ھەل قىلىپ، ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چىقاردى، قايتا تەكشۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى باھالاشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، تەكرار نازارەت قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

2019-يىلى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى جەمئىي ئىككى نۆۋەت دائىملىق كۆزىتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى، قايتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇ 108 يەرلىك، ئىدارە پارتىيە تەشكىلاتىنى قاپلىدى، 19-نۆۋەتلىك مەركەز كۆزىتىشىنى تولۇق قاپلىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىش نىسبىتى %50دىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەركەز كۆزىتىشى ئاساسى گەۋدە قىلىنغان، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلار كۆزىتىشى تايانچ قىلىنغان بىر گەۋدە ئىككى قاناتلىق ئىستراتېگىيە قېلىپى شەكىللەندى، 2019-يىلى 31 ئۆلكە ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى جەمئىي 134 شەھەر، 1011 ناھىيە، 1075 تارماق ۋە كارخانا، كەسپى ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، تولۇق قاپلىنىش نىسبىتىنى %59.5گە يەتكۈزدى.

كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش 19-نۆۋەتلىك مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، لو لىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، كۆزىتىش، تۈزىتىش كۈندىلىك نازارەت قىلىش تېخىمۇ كۈچەيدى، كېيىنكى خىزمەتلەر تېخىمۇ پۇختىلاندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈزىتىش، نازارەت قىلىشتا پۇختا خىزمەت قىلدى، تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەندى، جۈملىدىن سۆھبەتلىشىش، نۇقتىدا تۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى، مۇشۇنداق سىرتقى نازارەتنىڭ تۈرتكۈسىدە كۈزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈزىتىشتىكى ئاساسى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى، كۈزىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى، تۈزىتىش ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2019-يىللىق ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاممىنىڭ كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %93.8گە يەتكەن.

مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يەنە كۆزىتىش بىلەن ئىنتىزام، نازارەت، شۇ يەردە تۇرۇپ نازارەت قىلىشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش بىلەن ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن تەشكىلىي، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئەرزىيەت قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەڭكەش ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، نوپۇزلۇق، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرى، مائارىپ، داۋالىنىش، مۇھىت ئاسراش، يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسى، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاپ، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تۈزەش ياكى مەخسۇس كۈرەش ئېلىپ باردى، 2019-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 70مىڭ 800ئى تەكشۈرۈلۈپ، 99مىڭ كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 86مىڭ 400ئى تەكشۈرۈلۈپ، 110مىڭ كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، مەملىكەت بويىچە بىت چىت قىلىنغان قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق 2535 تەشكىلات ئىچىدە 1723ئىنىڭ ئارقىسىدىكى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى تەكشۈرۈپ چېقىلىپ، %68نى ئىگىلىدى.
2019-يىلى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىستىل، ئىنتىزام بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى يەنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىدى، دۆلەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تاماكا مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارقىتىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەتتى، مەملىكەت بويىچە تاماكا كەسپىدە 111 دېلو تەكشۈرۈلۈپ، 300 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، «ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى باھالىق تاماكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش پىكرى» چىقىرىپ تارقىتىلدى. گۈيجۇ ئۆلكىسى رەھبىرى كادىرلارنىڭ ماۋتەي ھارىقى ئارقىلىق ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن 167نى تەكشۈرۈپ، 180 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى، 514 تىجارەت سودىگىرىنىڭ ماۋتەي ھارىقى تىجارەت ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ۋېيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايقالغان تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، چوڭقۇر ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەسلىك، بارغانسېرى ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنى بىلمىگەن، ئۆزىنى يىغىشتۇرمىغانلارنى قانۇن بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق جازالاپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىزمۇ يۈز خاتىرە قىلماسلىق، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش، خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلىپ، تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاپ، ئىستىلنى تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئامما ئاساسىنى پۇختىلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىستىلنى تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىي نەتىجىلىرى كۆپەيدى

2019-يىلىدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى خەلقنى مەركەز قىلىش سىياسىي مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك نازارەتلەرنى ماس قەدەمدە كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش شۇنداقلا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىل يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاپ، ئىستىلنى تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.