ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

داۋەن كەنتىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 16:43

دابيېشەندىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئەڭ نامرات كەنتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋەن كەنتى سەھرا ساياھىتىدىن ئىبارەت ئالتۇن ئاچقۇچ بىلەن «نامرات»لىق كىشەنىنى ئېچىپ، 2018-يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

ئۈچ توققۇز ۋاقتىدا، ئەمدىلا ئازراق قار ياغقان بولۇپ، بۇلۇت تۇمانلار ئارىسىدىكى دابېيشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر ئەگرى بۈگرى دەريا ئېقىپ، قار مۇزلۇقلاردىن ھالقىپ، تاغ ئېتىدىكى قاتار كەتكەن ئاق تاملىق كۈل رەڭ خىشلىق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى، بۇ دەل ئەنخۇي ئۆلكىسى جىنجەي ناھىيەسى خۇاشى يېزىسىنىڭ داۋەن كەنتى ئىدى.

يۈجىڭ داۋەن كەنتى پارتىيە باش ياچېكىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى. چاغان يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇ كەنتتىكى سەھرا ئارامگاھىنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەيدىغان بولۇپ قالدى، مۇخبىر ليۇجۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇئاپىزەت رايونىدىكى مازوڭلىن تېغى ئېتىكىدىكى پۇقرالار قونالغۇسى تىجارەتچىسى ۋاڭ يۈجيېنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

ۋاڭ يۈجيې مۇخبىرغا كەينىدىكى «شىن جيې پۇقرالار قونالغۇسى» دېگەن قىزىل خەتلىك ۋىۋىسكا ئېسىقلىق تۆت قەۋەتلىك بىنانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر جىق كىشىلەر قار ياغدىمۇ دەپ سوراپ تېلېفون قىلدى، ئۇلار قار ياغقاندا كېلىپ قار مەنزىرىسى كۆرمەكچى.

ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىككى ئېغىزلا كەپە ئۆيى بار ئىدى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان ئىدى.

2017-يىلى، داۋەن كەنتى «تاغدا چاي ئۆستۈرۈپ، ئۆيدە مېھمان كۈتۈش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەھرا ساياھىتىنى يولغا قويدى. ۋاڭ يۈجيې مۇنداق دېدى: «2016-يىلى باش شۇجى كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەر ناھايىتى ئالقىشلىق بىر جايغا ئايلاندى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، كىشىلەر بۇنى بىلگەندىن كېيىن، قايتا قايتا كەلدى.»

2018-يىلى ۋاڭ يۈجيېنىڭ سەھرا ئارامگاھى قەد كۆتۈردى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى، تاماقلار يېيىشلىك ئۆزگىچە بولغاچقا تىجارىتى ناھايىتى تېزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلىغان، چاغانغىچە كۈندە دېگۈدەك مېھمانلار ئۈزۈلمىدى، ھەر كەلگىنىدە نەچچە كۈن تۇرىدۇ، بەزىدە تۇرالغۇ يېتىشمەي قالىدۇ.

2019-يىلى، ۋاڭ يۈجيې سەھرا ئارامگاھىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى، ھازىر كەنتتە ساياھەت شىركىتى قۇرۇلدى، ئون چاقىرىملىق لەيلەپ ئېقىش، تاغدىكى شاقىراتما قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى بەرپا قىلىندى، تەرەققىياتنىڭ ئەۋزەللىكى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ، ھازىر ئەنسىرىمەيمىز، مۇقىم كىرىمىمىز بار بولدى، پايدىمىز 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلب ئىشىكى ئېچىلدى، تۇرمۇش كۈنسېرى ياخشىلاندى، يۈجىڭ كۆڭلىدە كەنتنىڭ يېڭى تەرەققىيات پىلانىنى پىلانلاشقا باشلىدى. يۈجىڭ مۇنداق دېدى، «نامرات كەنتكە نىسبەتەن، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى قانداق قىلىپ كۆپەيتىشتە بىرىنچىدىن كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئىككىنچىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى قانداق قىلىپ مۇستەھكەملەشنى ئويلاشتۇق. ئون چاقىرىملىق لەيلەپ ئېقىش تۈرى قوزغىتىلىپ، تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.»

中央广播电视总台 央广网 版权所有

داۋەن كەنتىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى

دابيېشەندىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئەڭ نامرات كەنتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋەن كەنتى سەھرا ساياھىتىدىن ئىبارەت ئالتۇن ئاچقۇچ بىلەن «نامرات»لىق كىشەنىنى ئېچىپ، 2018-يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.