ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش مېخانىزمى يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 14:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش مېخانىزمى يېزىلاردا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نيې چۈنلېي مۇنداق دېدى: يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئالدىنى ئېلىش»، سىرتتىن كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. كاتەكچىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە ئالا قويماي تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، قىزىغان، سىرتتىن كەلگەنلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، «تۆت خىل كىشىلەر» نى تېزدىن تۈرگە ئايرىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۆتكەپ داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى يۆتكەپ داۋالاش، ئۆيىدە ئايرىپ تۇرۇلغانلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا رايونلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاساسى ئاجىز، قىيىن نۇقتىلار كۆپ، يېزىلارنىڭ تازىلىق تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلەتنى تازىلايدىغان، ھاجەتخانىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشقا، پاسكىنا سۇنى قالايمىقان تۆكمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقۇم مەزگىلدە، كەنت پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى دېھقانلارنى ئۆزئارا كىرىش، چىقىش قىلماسلىق، توپلاشماسلىققا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. مەيلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى بولسۇن ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش بولسۇن، نۆۋەتتە كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپلاشقان خىزمەت ياكى پائالىيەتتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر بېسىق مەزگىلدىن ساقلىنىش، تارقاق مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش مېخانىزمى يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش مېخانىزمى يېزىلاردا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.