ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەزنىڭ خۇبېيدىكى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 14:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تىركىشىپ جەڭ قىلىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرغان پەيتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە ۋىدىيو ئارقىلىق مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، خۇبېي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى كېچىلەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، مەركەز يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قىلچە بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، ۋۇخەننى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ۋۇچاڭ رايونى نەنخۇ كوچىسىدىكى ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە يېڭىدىن «چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانا» قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ۋۇخەن تەنتەربىيە سارىيى، ۋۇخەن كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. سۈن چۈنلەن بىمارلار ئۈچۈن تەييارلانغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش ۋە تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىقلارغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارىۋاتنى كۆپەيتىشنى تېزلىتىش ھەمدە قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، زاپاس كارىۋاتلارنى كۆپەيتىش، كارىۋات يېتىشمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. سەنشى، شەندۇڭ، سىچۈەندىن كەلگەن داۋالاش خادىملىرى بۇ يەردە تەييار ھالەتتە تۇردى. سۈن چۈنلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېببىي خادىملار بۇيرۇققا بىنائەن تۇشمۇ تۇشتىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە كېلىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش روھى ۋە كۈچىنى نامايان قىلدى. ئۇ خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدىن تېببىي خادىملارغا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېببىي مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى چوقۇم تولۇق تارقىتىپ، نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىش، نۆۋەت بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. سۈن چۈنلەن كۆپچىلىكنىڭ ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە بىلەن باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ.

ۋۇخەن ياشىن باش دوختۇرخانىسى شياڭگاڭ مەبلەغ سالغان 3-دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، مەزكۇر دوختۇرخانا ۋۇخەن شەھىرىدە كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 400 گە يېقىن كارىۋاتنىڭ ھەممىسىنى بىمارلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. سۈن چۈنلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يۇقۇم ئالدىدا  شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن ۋۇخەن خەلقى بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەزنىڭ خۇبېيدىكى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تىركىشىپ جەڭ قىلىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرغان پەيتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى