ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ياخشى قىلىش تەلەپ قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 14:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش مېخانىزمى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خۇبېيدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) لەر ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ھالقىلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىدى، نۆۋەتتە مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %77 كە، ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %76 كە يەتتى. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %94.6، كۆمۈركانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى % 57.8 بولدى ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، تەبىئىي گاز ۋە تەييار ماي بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈر يول، سۇ تىرانسپورت تورى نورمال يۈرۈشمەكتە.

ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: داۋالاش بۇيۇملىرى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، بارلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي تورغا يۈزلەندۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن رايونلار باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئۆي ئىجارىسى تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ياخشى قىلىش تەلەپ قىلىندى

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش مېخانىزمى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.