ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 09:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2-ئاينىڭ 11-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىنى تەڭشەش ۋە  ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش  يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نۇقتىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. نۇقتىلىق داۋالاش ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى تەمىنات مىقدارى تېز ئاشۇرۇلدى؛ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولدى؛ كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز بىر قەدەر ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، چاغاندىن كېيىن قايتىش سەپىرىدىكى زور كۆلەملىك كىشىلەر ئېقىمىنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلات قىلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلمەيدىكەن.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، شەھەر يۈرۈشى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر كارخانىلارنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. باشقا ئۆلكىلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىشى ۋە تىزگىنلىشى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر قەدەر ئاز بولغان كۆپ ساندىكى ۋىلايەت، شەھەرلەر ئىشنى- ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. ئىككىنچى، نۇقتىلىق داۋالاش ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ  مەھسۇلاتنى تېزرەك يەتكۈزۈپ، ئۈسكۈنە، ئادەم ۋە ئىش، مەبلەغ، خام ماتېرىيال قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇش ۋە بىر تۇتاش سەپلەشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، خادىملارنى ئىش ئورنىغا تەرتىپلىك قايتىشقا تەشكىللەش كېرەك. ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىدىغان ۋە كىرگۈزىدىغان ئاساسلىق جايلار تۇتاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىللار ۋە خادىملارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قايتىشقا نەسىھەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تۈزىتىش كېرەك. 

تۆتىنچى، جايلار ۋە تارماقلار ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى كېرەك. دۆلەت ئىلىكىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ۋاقىتلىق قوللاش لازىم. بەشىنچى، يەرلىكنىڭ «كۆكتات قوشۇمچە مەھسۇلاتلار»، «ئاشلىق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق، ماي، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، يەم-خەشەك قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش ۋە توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، تىرانسپورت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم قاتناش ۋە ئاچقۇچلۇق ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، چوڭ   تۈرلەرنىڭ   بالدۇرراق   ئىش   باشلىشى  ۋە   قۇرۇلۇشىنى   ئىلگىرى   سۈرۈش   كېرەك. سەككىزىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ كۆلەمدە خادىم قىسقارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جايلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقى قاتارلىق مەبلەغلەردىن پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىپ، جايلارنىڭ قىسىمەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ياكى قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىنى تەڭشەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا  چىقىرىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ نورمال يۈرۈشىنى قوغداش لازىم.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار  تەتقىق  قىلىندى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2-ئاينىڭ 11-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىنى تەڭشەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.