ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 14 مىڭ 840 قا يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى  مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە داۋالاش تەجرىبىسىنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇم ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىمارنى كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بالدۇرراق ئۆلچەملىك داۋالاپ، داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى تارقاتقان «يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى (سىناق 5-نۇسخىسى)دا خۇبېي ئۆلكىسىدىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇشتا «كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش» كۆپەيتىلدى، بۇ لايىھەگە ئاساسەن، يېقىندا خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئىلگىرىكى گۇمانىي كېسەللەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ھەمدە دىياگنوز قويۇش نەتىجىسى تۈزىتىلىپ، يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارغا يېڭى دىياگنوز قويۇش تۈرى بويىچە دىياگنوز قويۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكىلەر سىرتقا ئېلان قىلغان كېسەلگە دىياگنوز قويۇش تۈرىنىڭ بىردەك بولۇشى ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، خۇبېي ئۆلكىسى كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانىنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىدۇ.

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 14 مىڭ 840  بولۇپ (بۇ كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇلغان 13 مىڭ 332 بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 24 كىچە، خۇبېي ئۆلكىسى جەمئىي دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 48مىڭ 206 بولۇپ، (كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇلغان 13 مىڭ 332 بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 3441، قازا قىلغان بىمار 1310، يەنە 33 مىڭ 693 بىمار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. ھازىر گۇمانىي بىمار 9028 بولۇپ، شۈ كۈنى 3317 ئادەمنىڭ يۇقۇملانمىغانلىقى ئېنىقلاندى، 6126 ئادەم مەركەزلىك ئايرىۋېتىلدى. ئىز قوغلاپ تېپىلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 158مىڭ 377، 77مىڭ 308 ئادەم  تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 14 مىڭ 840 قا يەتتى

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 14 مىڭ 840 بولۇپ