ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارمىيەدىكى 2600 تېببىي خادىمنى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە كۆپەيتىپ ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئارمىيە ۋۇخەنگە 2600 تېببىي خادىمنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئۇلار ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋۇخەن شەھىرى تەيكاڭ توڭجى دوختۇرخانىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى گۇاڭگۇ  دوختۇرخانا رايونىدىكى بىمارلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ۋۇخەن شەھەرلىك تەيكاڭ توڭجى دوختۇرخانىسى 860 كارىۋات، خۇبېي ئۆلكىلىك ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى گۇاڭگۇ  دوختۇرخانا رايونى 700 كارىۋات قويماقچى. ئىككى دوختۇرخانىدا كىلىنىكىلىق كېسەللىك رايونى تەسىس قىلىندى؛ يۇقۇمنى تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش، ئالاھىدە دىياگنوز قويۇش، رېنتىگېندە دىياگنوز قويۇش، دورا سايمانلىرى، دېزىنفېكسىيە بىلەن تەمىنلەش، ئۇچۇر، تېببىي قۇرۇلۇش قاتارلىق ياردەمچى بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى.

بۇ قېتىم تەشكىللەنگەن داۋالاش كۈچلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسمى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى، قوراللىق ساقچى قىسمىدىن ئىبارەت نۇرغۇن داۋالاش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن. دوختۇرخانا سىغىمى ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ئاساسەن، ئارمىيەنىڭ داۋالاش خادىملىرى تۈركۈم بويىچە ياردەم بېرىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 1400 كىشى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋۇخەنگە يېتىپ باردى ھەمدە دەرھال ئالاقىدار داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
ھازىرغىچە، ئارمىيە تۆت مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋۇخەنگە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارمىيەدىكى 2600 تېببىي خادىمنى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە كۆپەيتىپ ئەۋەتتى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئارمىيە ۋۇخەنگە 2600 تېببىي خادىمنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى،