ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

داۋالاش سەھىيە سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، داۋالاش سەھىيە سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، تېببىي خادىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، قورقماس روھ بىلەن كېسەلدىن ئىبارەت ئالۋاستى بىلەن كۈچ سىنىشىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىنى قوغدىدى.

چاغاندىن بۇرۇن خۇبېي، جېجياڭ، جياڭسۇ، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەشكىلات تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى، بولۇپمۇ داۋالاش سەھىيە سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە تېببىي خادىملارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلىنىشقا دەرھال سەپەرۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خۇنەن، ئەنخۇي قاتارلىق جايلار ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ئۆز جايىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى چاغانلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشىغا تولۇق ئاتلاندى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. خۇبېي ئۆلكىسى جياڭخەن نېفىتلىكى باش دوختۇرخانىسىدىكى 95- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان پارتىيەلىك سېسترا شيې جېفېن ئۆيىدىكى يېشىغا تولمىغان بالىسىنى تاشلاپ قويۇپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلىنىش سىگنالىنى چالدى. دوختۇرخانىنىڭ داۋالاپ قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىنىڭ  باشلامچىسى 54 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى جاڭ جىشيەن  ۋە 84 ياشقا كىرگەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان جايغا باردى، ئۇلار ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش باشلامچىسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئېسىل خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە قاتتىق ئىستىلىنى نامايەن قىلدى.

نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا پارتىيە ئەزالىرى ئىش ئورنى، پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت رايونى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى. شاڭخەي خۇاشەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جاڭ ۋېنخۇڭ جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرى ئالدىنقى سەپكە بېرىشى كېرەك، ھازىر ئالدىنقى سەپتە بولسا، بىر بىرىگە ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەن ياچېيكا شۇجىسى، مەن ئاۋۋال چىقىمەن، باشقا پارتىيە ئەزالىرىمۇ چوقۇم چىقىشى كېرەك. ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىگە تەۋە شيېخې دوختۇرخانىسىدىكى 1253 پارتىيە ئەزاسى كۈرەشكە ئاتلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، ئايرىش كېسەلخانىسى، نىشانلىق بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە  بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىرادىدىن سېپىل ياساش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېببىي خادىملار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

داۋالاش سەھىيە سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، داۋالاش سەھىيە سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، تېببىي خادىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، قورقماس روھ بىلەن كېسەلدىن ئىبارەت ئالۋاستى بىلەن كۈچ سىنىشىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىنى قوغدىدى.