ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى سىناش خىزمىتى تاماملاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 09:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىناق كېمىسىنى سىناش خىزمىتى تاماملاندى، بۇندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدۇ دېدى.

شېنجۇ ئالەم كېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ گەۋدىسى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ھەم ئادەم ۋە يۈك ئېلىپ ماڭالايدۇ ھەم يەرگە يېقىن ئوربىتىدىكى ۋەزىپىسى ۋە تېخىمۇ يىراق چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەڭ ئۈستىگە ئالالايدۇ؛ يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسىدە، يىپيېڭى ئىسسىقتىن ساقلىنىش ماتېرىيالى ۋە ئىسسىقتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى شېنجۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ئۈچ، تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5-تەتقىقات يۇرتى يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىناق كېمىسىنىڭ باش مۇدىر لايىھەلىگۈچىسى ياڭ چىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسىدە، قايتىش بۆلمىسىنى ئۇدا ئون قېتىم تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ ھەم تەننەرخ تەدرىجىي تۆۋەنلىتىلىدۇ.

ئالەم كېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۆمىكى يۇقۇم پەيدا قىلغان خادىم ۋە خىزمەت جەھەتتىكى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى، تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنىڭ كېچىكىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有