ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» تونۇشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يوۋ جۈن مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق، بىناكارلىق، ئەشيا ئوبوروتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا كەسىپ ۋە رايونلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەدرىجىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يوۋ جۈن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مۇھىم كەسىپ پىلانىنى تۈزۈپ، چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويغاندا، كۆپرەك ئىش ئورنى ياراتقان كەسىپ ۋە تۈرلەرنى ئالدىن تاللىشى، ئالدىن مەبلەغ سېلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان بىر قىسىم تۈرلەرگە قارىتا، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ئىجابىي تىزىملىكىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان بىر تاياقتا ھەيدەشتەك باشقۇرۇپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز قوللىنىش كېرەك.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سەككىز مىليون 740 مىڭغا يېتىدۇ، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە. يوۋ جۈن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلسا بىر قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئۇدا ئىككى يىل كېڭەيتىشى، توختامنى خالىغانچە بۇزماسلىقى، ئۆز ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش چېكىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلماسلىقى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有