ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇچۇر تېخنىكىسى يېڭى ئەندىزە بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەت قويۇپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيې شاۋفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەزى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىنتېرنېت، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئىشلىدى. ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئادەمسىز ئىشلەپچىقىرىش، يىراقتىن توشۇش-ئاسراش، توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوللىدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن جىخۇي مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈرۈش، تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق رەقەملەشكەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. تەمىنات زەنجىرى، كەسىپ بىلەن پۇل-مۇئامىلىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق سېفىرلاشقان سۇپا قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق. شارائىتى بار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى سېفىرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش، ئەپچىل ياساش، ئىنچىكە باشقۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有