ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر بىمارلىرىنى داۋالاش ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ھازىر خۇبېي، ۋۇخەندە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر بىمارلىرىنى داۋالاش ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى. تېببىي خادىملار باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قۇتقۇزۇپ، ساقىيىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئارمىيە ئالدىنقى سەپ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خوشېنشەن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، گۇمانىي مۇرەككەپ بىمارلارنى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش، ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.

خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى قوماندانلىق مەركىزىدە، دۆلەت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، ئارمىيە ئالدىنقى سەپ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ھەر قايسى كېسەلخانا رايونلىرىنىڭ مۇدىرلىرى 5G يىراق مۇساپىلىك سىستېما ئارقىلىق ئېغىر كېسەللەر تېببىي 1-بۆلۈمى ۋە 2-بۆلۈمىنى ۋىدېيو ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، كېسىلى ئېغىر ئىككى بىمارنى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يەنە كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدىكى قان پىلازمىسى بىلەن داۋالاش يېڭى ئۇسۇلى، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنىنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى.

دۆلەت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دۇ بىن مۇنداق دېدى: خوشېنشەن دوختۇرخانىسىغا پۈتۈن ئارمىيەدىكى داڭلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يىغىلغان، ئۇلار كېيىنكى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتا يەنىلا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر بىمارلىرىنى داۋالاش ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى

ھازىر خۇبېي، ۋۇخەندە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر بىمارلىرىنى داۋالاش ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى.