ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېىي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا رايونلارنىڭ خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى رەسمىي بىكار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 25-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا رايونلارنىڭ خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى رەسمىي بىكار قىلدى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا رايونلاردا خۇبېيدىن ئايرىلىش يولنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشمۇ رەسمىي بىكار قىلىنىپ، سىرت بىلەن بولغان قاتناش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. خۇبېي بىلەن چۇڭچىڭ چېگرالىنىدىغان لىچۈەن شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يول بۆلەكلىرىدە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ئارقا-ئارقىدىن بىكار قىلىندى. لىچۈەن شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى شياڭ ۋېنجېن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يولغا قويۇلغان يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىدە، ھەر كۈنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققان ئاپتوموبىل 500 ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىدىغانلارنىڭ سانى تۆت، بەش ھەسسە ئاشتى.

ئاۋىياتسىيە جەھەتتە، ھازىر شياڭياڭ ئايرودۇرۇمى، ئېنشى ئايرودۇرۇمى، شېننۇڭجيا ئايرودۇرۇمىمۇ قاتناشنى ئەسلىگە كېلىش شارائىتىنى ھازىرلىدى، خۇبېي ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلتىماسىنى سۇندى، تەستىقلاشنى كۈتۈۋاتىدۇ.

خۇبېيدا تۇرۇپ قالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 800دىن ئارتۇق بېيجىڭلىق 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىككى مەخسۇس پويىز بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئايرودۇرۇمدا چېگرادىن كىرگەنلەر بىلەن گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھازىر خۇبېيدا تۇرۇپ قالغان بېيجىڭلىقلار ئاساسلىقى مەخسۇس پويىزغا بىلەن ياكى ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن. بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار چوقۇم ئۆيىدە ياكى مەركەزلىك كۆزىتىش ئورنىدا 14 كۈن كۆزىتىلىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېىي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا رايونلارنىڭ خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى رەسمىي بىكار قىلدى

3-ئاينىڭ 25-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا رايونلارنىڭ خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى رەسمىي بىكار قىلدى.