ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلەشمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەل جايىدا، تەرتىپلىك، پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم، مالىيە، ئەشيالارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇش، ئىچكى، تاشقى سودىنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا قىلغان خېيىم-خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتتى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى پىڭفاڭ رايونى 1-سەپتىكى 45 سودىگەر چاقىرغۇچىدىن تەشكىللەنگەن زاۋۇتتا تۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارغا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس تەشكىللەنگەن قوشۇننى 47 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى تولۇق زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئەنگە ئېلىشىغا بىرمۇ-بىر يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەملەشتى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، پىڭفاڭ رايونىدىكى 211 كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىسىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %97.6كە يەتتى.

2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، بىڭتۈەن 8-شىسى، شىخەنزە شەھىرى ئۆزلىرىگە قاراشلىق 134 كارخانىنىڭ شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى، ئوتتۇرا قاتلام ۋە تېخنىكا تايانچ خادىمىنى شىنجاڭغا قايتىپ ئىش ئورنىغا چىقىشقا تەشكىللىدى. ماشىنا، شوپۇر، لىنىيە بەلگىلەش، مەخسۇس يېشىل يول ئېچىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شىخەنزە شەھىرى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ماشىنىلىرىنى توختاتماسلىق، تەكشۈرمەسلىك، ھەق ئالماسلىق، ئالدىن ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويدى، يەنە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالتە سانائەت كارخانىسىغا بىر مىليارد 360 مىليون يۈەن قەرزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ماسلاشتۇردى.

كارخانىلارنىڭ ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار ئېھتىياجى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شيۇڭئەن يېڭى رايونى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە تەدبىرنى چىقىرىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، باج ئازايتىش، ھەق كېمەيتىش، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بەردى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى ئەمەلىي كۆلەملەشكەن 163 سانائەت كارخانىسىنىڭ 162 سىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلدى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %99.4كە يەتتى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 500 مىليارد يۈەنلىك قايتا قەرز بېرىش، تەكرار دىسكونت سىياسىتى چىقىرىلغاندىن بۇيان، خەلق بانكىسى باش بانكىسى ۋە ھەر قايسى تارماق، شۆبە ئاپپاراتلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، قايتا قەرز بېرىش، تەكرار دىسكونت قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان. 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەمئىي تارقاتقان ئېتىبار ئۆسۈملۈك قەرز پۇل 111 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
جايلار مۇلازىمەتچىلىكنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېرىشىپ يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجىغا قولايلىق ياراتتى.
كۈنمىڭ شەھىرى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى «ئاشخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە كۈنمىڭ شەھىرىدىكى كىچىك ئاشخانا، كىچىك ئاشپۇزۇل، تېز تاماقخانىلارنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلدى.

3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن تارتىپ، خۇبېيدىكى شۈنفېڭ تېز يوللانما شىركىتى ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ۋۇخەنگە بارىدىغان خىزمەتچىلەرنى مەخسۇس توشۇش ماشىنىسىنى ئىشقا سالدى، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، يىچاڭ، شياۋگەن، شياڭياڭ قاتارلىق جايلاردىكى خىزمەتچىلىرى نۇقتىدىن نۇقتىغىچە ماشىنا بىلەن ئىش ئورنىغا قايتتى.

ۋۇخەن شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ ياۋېن مۇنداق دېدى: ۋۇخەن شەھىرىدە ئىشلەيدىغان تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ سانى چاغان ھارپىسىدىكى بەش مىڭ نەچچىدىن كۆپىيىپ ھازىر 20 مىڭدىن ئاشتى. پۈتۈن شەھەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا %90 تىن ئاشىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقى بازار قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىمۇ مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە تۇرمۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %60 تىن ئاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىش ۋە تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىدە رايون، دەرىجە، تۈر بويىچە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىش ۋە تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ۋاقىتلىق چەكلىمىنى بىكار قىلىپ، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ شۇنداقلا يەرلىكنىڭ نۇقتىدىن نۇقتىغىچە، بىر بېكەت شەكلىدە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خىزمەتچىلەرنى شەھەرگە، ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى ئادەم ئىشلىتىش قىيىنچىلىقىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا يېتەكلەيدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلەشمەكتە

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى پىڭفاڭ رايونى 1-سەپتىكى 45 سودىگەر چاقىرغۇچىدىن تەشكىللەنگەن زاۋۇتتا تۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارغا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلدى.