ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى مەكتەپلەر ئوقۇتۇش پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جايلاردىكى مەكتەپلەر مائارىپ ئوقۇتۇش پىلانىنى ياخشىلاپ، دەرس سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قەشقەر شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونى 9-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ئاپتونوم رايوننىڭ دەرسلىك تەسىس قىلىش تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نۆلدىن باشلاپ ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش رىتىمىنى ئىگىلەپ، دەرسخانىدا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

باغراش ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش باشلىغان ھامان تەكتىنى ئېنىقلاش ئىمتىھانى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، توردا ۋە دەرسخانىدا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى جىپسىلاشتۇردى.

ئاقسۇ تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەنى كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق دەرس ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېزدىن كەسپىي ماھارەت ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوخشاش بولمىغان يىللىقلارغا قارىتا ئەتراپلىق ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات پىلانىنى تۈزۈپ، دەرس تەييارلاش، دەرس سۆزلەش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، سىنىپنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار ھالقىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى ھەقىقىي قانات يايدۇردى.

شايار ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقنىڭ ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ تەكرارلاش پىلانىنى ياخشى تۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئوقۇغۇچىلار ئاجىز ھالقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئارىلاپ دەرس تەكرارلاپ بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有