ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لو جاۋخۇي 3-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ، چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە چەتئەللەردىكى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمەنكى، ھازىر دۆلەت ئىچىدە دۆلەتكە قايتىش سەپىرىدە گىرەلەشمە يۇقۇملانغان دىياگنوز قويۇلغان كۆپلىگەن بىمار بايقالدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بويىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى شۇنىڭدەك ساياھەت بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن، يۇقۇم خەۋپى يۇقىرى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا بارماسلىقىڭلارنى، زۆرۈرىيەتسىز خەلقئارالىق ساياھەتكە چىقىشتىن ساقلىنىپ، يۆتكىلىشنى ئازايتىپ، ئۆيدە مۇداپىئەلىنىپ، ئۆز بىخەتەرلىكىڭلار ۋە ساغلاملىقىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

لو جاۋخۇي مۇنداق دېدى: يېقىندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلاردا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ناھايىتى كۆپ بېرىلدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چەتئەللەردىكى قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەۋپىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەتئەللەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارغا خىزمەتلەرنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، كونسۇل جەھەتتىن قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كەڭ چياۋمىنلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم يوليورۇق بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ، چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ.