ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

خەلقئارا تەرەققىيات- ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ بوچىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقۇم توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشى، سۈركىلىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم ھەم «سىناق تېشى»، ھەم «ئەينەك». ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ياخشى تەرىپى ۋە يامان تەرىپى بۇنىڭدا نامايان بولىدۇ.

دېڭ بوچىڭ مۇنداق دېدى: ۋىرۇس ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەھدىتى، ھاياتلىقنى قەدىرلەش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى. ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشلەر ئەرزىيدۇ. يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار، ئەلئارا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر جۇڭگوغا پائال ياردەم بەردى، بىز بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ راۋاجىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرى، كارخانىلىرى ۋە ئەلئارا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. يۇقۇم ئالدىدا، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەخت-سائادىتىنى قوغدىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.