ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ پىلان غەربىي رايوندىكى ساھە، كەسىپ، كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قىس كەسىپلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىن پېنسىيەگە چىققان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا، تەتقىقاتقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ تەشكىللىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى بىر قىسىم مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىن پېنسىيەگە چىققان 120 دىن 140 كىچە ئوقۇتقۇچى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى، تارىم داشۆسى، غەربىي يۈننەن قوللىنىشچان تېخنىكا داشۆسىگە ياردەم بېرىشكە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ غەربىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربىي رايوننىڭ ئالىي مائارىپىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تولۇقلايدۇ. «لايىھە»دە ئەنئەنىۋى نىشانلىق مۇناسىۋەت بۇزۇپ تاشلىنىپ، ياردەم بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى تەرەپ ئىختىيارى جۈپ بولۇشقا تەشكىللىنىدۇ، بۇ بىر خىل بايلىقنى يۆتكەش ئارقىلىق مائارىپ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يولى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانى ئېلان قىلىندى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويدى.