ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 16:52

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋە بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، بولۇپمۇ داۋالاش، سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالار زەربىدارلىق بىلەن يۈرۈش قىلىپ، ھايات-ماماتى بىلەن ھېسابلاشماي، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىدە جەڭ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بۇرچىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى، زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا يامراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2020-يىللىق كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى لايىھەسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسى تۈزىتىلمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە باشقا ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

رەئىسلەر يىغىنىدا 2020-يىللىق تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لۇ دۇڭفۇ تەكلىپكە بىنائەن «جۇڭگو تۆمۈر يول قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئىلھامى» دېگەن تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.