ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 16:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 30 -كۈنى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بىلەن دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ بالدۇرراق نورمال ئىزغا چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ چېگرا ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلتۈرۈلمىدى. لېكىن، يەر شارىدا يۇقۇم كەڭ تارقالماقتا، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېمەسلىكى كېرەك. ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش خەۋپ خەتەر بېسىمىنى تولۇق تونۇش لازىم. كېسىلى ئېغىر بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنى ئايرىپ ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش لازىم. جايلار ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى، بىمار بايقالماسلىقنى قوغلىشىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش ۋە چالا مەلۇم قىلىشقا يول قويماسلىقى كېرەك. تەكشۈرۈش كۈچى ۋە ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنىڭ سەپلىنىشىنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى ھەقىقىي ياخشى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە كۆرۈلگەن يوچۇقلارنى تۈگىتىپ، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى كۆزىتىش، ئايرىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەكشۈرۈش سالمىقىنى قاراتمىلىق زورايتىپ، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى بايقالغان بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى بايقالمىغان يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، نۇقتىلىق رايونلار ۋە كىشىلەر توپى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتىش لازىم. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان ھامان، دەرھال «تۆتنى بالدۇر» قىلىش تەلىپى بويىچە، مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىش ۋە تېببىي باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ ، ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، مەنبەنى تېزدىن ئىگىلەپ، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش كېرەك. يۇقۇم پەيدا بولغان نۇقتىلىق رايونلاردىن بەلگىلىك نىسبەتتە ئەۋرىشكە ئېلىپ، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى ، شياۋ جيې ، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 30 -كۈنى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.