ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 158 ئەزاسى شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 158 ئەزاسىCZ5242 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن تۆت تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ جەمئىي 509 ئەزاسى شىنجاڭغا قايتىپ باردى.

بۇ قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنلەر 3-تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 تېببىي خادىم، شىنجاڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 13 ئەزاسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئەترىتىنىڭ 3 ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم 2-ئاينىڭ 6، 17-، 20-كۈنلىرى ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ 1-سېپىگە بېرىپ، ئوخشىمىغان جەڭ مەيدانلىرىدا بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى.

3-تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 142 داۋالاش تايانچىسىدىن تەركىب تاپقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 158 ئەزاسى شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى

3-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 158 ئەزاسىCZ5242 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى،