ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋۇخەن شەھىرى چياۋكۇ رايونى خەنجېڭ كوچىسى گۇڭخې مەھەللىسى باشقۇرۇش بۆلىكىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋۇ يۇڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە، ۋۇخەن خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايوندىن خەۋپ- خەتىرى ئوتتۇرا ھال رايونغا تۆۋەنلىدى، «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلغان ۋۇخەن قايتا ھاياتىي كۈچكە تولماقتا. بىراق، ئۇدا 61 كۈن جەڭ قىلغان ۋۇخەن شەھىرى چياۋكۇ رايونى خەنجېڭ كوچىسى گۇڭخې مەھەللىسى باشقۇرۇش بۆلىكىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋۇ يۇڭ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن بەختكە قارشى قۇربان بولدى.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈش سائەت 12دە، ۋۇ يۇڭ بىلەن مەھەللە شۇجىسى چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كېلىشىپ قويغان ئىدى. بىراق، ۋۇ يۇڭ كېلەلمىدى. مەھەللە شۇجىسى شيۇڭ خېڭچاۋ چۈشتە ۋۇ يۇڭ بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ۋۇيۇڭ شۇنداق قىلىپ مەڭگۈ خوشلاشتى.

گۇڭخې مەھەللىسى ئېچىۋېتىلگەن كونا مەھەللە بولۇپ، كۆچمە ئاھالە بىر قەدەر كۆپ. دەسلەپكى مەزگىلدە، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بىمارلارنى يۆتكەش ئەڭ خەتەرلىك خىزمەت ئىدى، ۋۇ يۇڭ ھەمىشە باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەيتتى. يۇقۇم پەيدا بولغان مەزگىلدە، ئۇ يەنە مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەر بىر ئائىلىگە ئاپىرىپ بېرەتتى، لېكىن ئۇ بېلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلىقىنى ئەزەلدىن تىلغا ئالمىغان ئىدى، ئانىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغۇچە، كۆرۈپ كېلىشكە ۋاقىت چىقىرالمىدى.

ۋۇخەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چياۋكۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى لىجى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى جۇ جىچاۋ مۇنداق دېدى: چۈشتە تاماق يېگەندە ئۇ بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بۈگۈن ئۆيۈمگە قايتىپ، ئاپامنى كۆرۈپ كەلسەم بولىدۇ، دېگەن ئىدى.

ئارقىدىن بىر كۈنلۈك يوقلىما قىلىپ، ۋۇيۇڭغا كەلگەندە، 39 خەلق ساقچىسى. جۇ جىچاۋ مۇنداق دېدى : بارلىق خەلق ساقچىلىرى ئۇنى بەك سېغىندى ،ھەممىسى ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويماقچى، ۋۇ يۇڭ مەڭگۈ بىزنىڭ كوللېكتىپىمىزدا.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋۇخەن شەھىرى چياۋكۇ رايونى خەنجېڭ كوچىسى گۇڭخې مەھەللىسى باشقۇرۇش بۆلىكىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋۇ يۇڭ

نۆۋەتتە، ۋۇخەن خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايوندىن خەۋپ- خەتىرى ئوتتۇرا ھال رايونغا تۆۋەنلىدى،