ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى: كۆپ قىسىم رايونلاردىكى كارخانىلار %90 تىن ئارتۇق باجغا چېتىشلىق كەسپىنى توردا بېجىرسە بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى باج ھەققىنى كېمەيتىش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى خەن رۇڭ مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى ھەم باج يىغىشتىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماق، ھەم كۆزنەكلىك مۇلازىمەت ئورنى، نەچچە ئون مىليون كارخانا باج تاپشۇرغۇچى ۋە 100 مىليوندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى ھەمدە 100 مىليوندىن كۆپرەك ھەق تاپشۇرغۇچىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، باج تارماقلىرى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە باج يىغىش بۈيۈك سانلىق مەلۇماتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ 54 تۈرلۈك كونكرېت مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇچراشماسلىق شەكلىدىكى باج بېجىرىش ۋە ھەققىنى تاپشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ باج تاپشۇرۇش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

خەن گورۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم مالىيە خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىغا ۋاقتىدا قايتمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «باجنى كېچىكتۈرۈپ بېجىرىش» تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدى. خۇبېي ئۆلكىسىدىن باشقا جايلاردا، بۇ يىل 2-ئايدا باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى، 3-ئايدا بىر ھەپتە ئۇزارتىلىدۇ. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 4-ئايدىكى چوڭ باج ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلۇپ، 4-ئايدىكى باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇددىتىنى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىگە ئۇزارتىش قارار قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有