ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كېچىكتۈرۈلۈپ 7-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى ئېلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:17

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ 7-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى ئېلىنىدىغانلىقى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 10 مىليون 710 مىڭ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كېچىكتۈرۈشتە ئاساسلىقى «ساغلاملىق بىرىنچى»، «ئادىللىق بىرىنچى» بولۇش ئويلىشىلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلسە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەۋپى نىسبەتەن تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ. يۇقۇم پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەكرارلاپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى ئومۇميۈزلۈك تەسىرگە ئۇچرىدى، قىسمەن يېزىلار ۋە نامرات رايونلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كېچىكتۈرۈلسە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە مەكتەپتە مەركەزلىك ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有