ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىستانسىمىزنىڭ يۇقۇم توغرىسىدىكى ئوبزورى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى جانلىق ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بالدۇرراق توغرا يولغا سېلىشقا تۈرتكە بولايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەدبىرلەرنى جانلىق ياخشىلاپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى «ئىچكى قىسىمدا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىرتقا چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىن «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى قىسىمدا قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر؛ تەدبىر قوللىنىشتا «رايونلار، دەرىجە بويىچە، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىش»، «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دەل جايىدا، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش زۆرۈر؛ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بويىچە، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەۋىيەسىنى قوللىنىپ، جانلىق تەڭشەش داۋامىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك كاپالەتلىك قىلىش بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有