ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بىر تۈركۈم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم نورمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك تولۇقلىمىنى بېرىش سىياسىتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۇقۇم ۋە دۇنيا ئىقتىساد-سودا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زەربىسىدىن ئىبارەت يېڭى خىرىس ئالدىدا، مالىيە، پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى تەلەپنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، تاشقى سودا كارخانىلىرى، يەككە سودا سانائەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم كۆلىمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە بۇ يىللىق مەخسۇس زايوم نورمىسىنى چۈشۈرگەن ئاساستا، تەرتىپ بويىچە يەنە مەلۇم كۆلەمدىكى مەخسۇس زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، «مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش» پىرىنسىپى بويىچە، نۇقتىلىق تۈرلەر كۆپ، خەۋپ-خەتەر سەۋىيەسى تۆۋەن رايونلارغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. جايلار تارقىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، 2-پەسىلدە تىرىشىپ تارقىتىپ بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ئومۇمي مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلىسى جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ تەكرار قەرز، تەكرار دىسكونت نورمىسىنى بىر تىرىليون يۈەن كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ نىشانلىق ھالدا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنى ئېرىشكەن بارلىق مەبلەغنى ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قەرز بېرىشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە، تاشقى سودىغا ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان كەسىپلەرگە ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ 300 مىليارد يۈەنلىك كىچىك، ئۇششاق پۇل مۇئامىلە زايومى ئارقىلىق، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قەرز تارقىتىشىنى قوللاش كېرەك. شىركەتنى ئىناۋەت تۈرىدىكى زايوم بىلەن ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر تىرىليون يۈەندىن كۆپ ساپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پۈتۈن يىلدا 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە تۆۋەن كىرىملىك ئامما، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. بىرىنچى، 3-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىدىكى باھا ۋاقىتلىق تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە يېتىم بالىلار، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلار قاتارلىقلار سىياسەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. كۆپەيتىلگەن تولۇقلىما مەبلىغىنى مەركەز مالىيەسى نىسبەت بويىچە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىدۇ. ئىككىنچى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئامما تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قاتارلىق سىياسەت كاپالىتى دائىرىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىشسىزلىق كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى ۋە سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئىككى يىل ئۇزارتىلىدۇ. ئىككىنچى، مەركەز مالىيەسى تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى دىزېلىن ئىشلىتىلىدىغان يۈك ماشىنىلىرىنى شاللىۋېتىشكە مەدەت بېرىدۇ. ئۈچىنچى، نىمكەش ئاپتوموبىل كارخانىلىرى كونا ئاپتوموبىللارنى ساتسا، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سېتىش سوممىسىنىڭ %0.5ى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى ئازايتىپ ئېلىنىدۇ. گۈزەلنۇر روزى






















گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى ۋارادىكا ۋە ئالجىرىيە زۇڭلىسى جېراد بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلاشتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
لى كېچياڭ ۋارادىكا بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نۇرغۇن دۆلەتلەردە يامرىدى، ئېرلاندىيەمۇ يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. جۇڭگو ئىرېلاندىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىرېلاندىيەگە زۆرۈر ياردەم بېرىپ، ئىرېلاندىيەنىڭ جۇڭگودىن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە توشۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېببىي دورا تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىرېلاندىيەدە نۇرغۇن جۇڭگو پۇقرالىرى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئوقۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىرېلاندىيەنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېرلاندىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، جۈملىدىن ئىرېلاندىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋارادىكا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەر ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئۇچۇردىن بەھرىلىنىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. نۆۋەتتە يۇقۇم ئىرېلاندىيەدە يامراپ كەتتى. ئىرېلاندىيە جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، يۇقۇم مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش جەھەتتە جۇڭگونىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش، دورا تەتقىقاتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىرېلاندىيە ئىرېلاندىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېرلاندىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
لى كېچياڭ جېراد بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئالجىرىيە جۇڭگوغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايەن قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۇقۇم يامرىدى، ئالجىرىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، جۇڭگو بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىدۇ، ئالجىرىيە بىلەن قەتئىي بىللە تۇرۇپ، ئالجىرىيەگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. ئالجىرىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئالجېرىيە بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىشىنىمىزكى، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ.
جېراد مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا يامراۋاتقان ئەھۋالدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالجىرىيە جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگونىڭ سەمىمىي ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي-ئەشياسى، ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق جۇڭگونىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالجىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن مەمنۇن، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بىر تۈركۈم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم نورمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى،