ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى بىمار 668 مىڭ 345 كە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 16:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ سىرتىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار 668 مىڭ 345 كە يەتكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك يۇقۇم دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت ئونغىچە، جۇڭگونىڭ سىرتىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 57 مىڭ 512 سى كۆپىيىپ، 668 مىڭ 345 كە يەتكەن؛ جۇڭگونىڭ سىرتىدا قازا قىلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 3297 سى كۆپىيىپ، 33 مىڭ 91 گە يەتكەن.

يەر شارى دائىرىسىدە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 57 مىڭ 610 ى كۆپىيىپ، 750 مىڭ 890 غا يەتكەن؛ قازا قىلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 3301 ى كۆپىيىپ، 36 مىڭ 405 كە يەتكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有