ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 16:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2020-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئوقۇتۇش پىلانىنى قاراتمىلىق تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بىرمۇ-بىر تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئوخشىمىغان يىللىقلار، ئوخشىمىغان سىنىپلار، ئوخشىمىغان پەنلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش پىلانىنى قاراتمىلىق تۈزۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ھەقىقىي، ياخشى تۇتاشتۇرۇشى؛ يېڭى دەرسلىكنى توردا ئوقۇتۇشنى باشلىمىغان جايلار نۆلدىن باشلاپ ئوقۇتۇشى؛ يېڭى دەرسلىكنى توردا ئوقۇتۇشنى باشلىغان جايلار دەرسنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش، تەكرارلاشنى ئەستايىدىل قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى بىر قەدەر ياخشى ئىگىلىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، يەنە يېڭى دەرسلىكلەر بىلەن ئوقۇتۇشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有