ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى ھالەت بارلىققا كەلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ قانچە خېيىم-خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلگەنسېرى، يېزا ئىگىلىكىنى شۇنچە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە شۇنچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى ئارقىسىدا، بۇ ئالاھىدە باھار پەيتىدە، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرى يۇقۇم بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەشكىللەپ، ھەم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا غەيرەت ئاتا قىلدى ھەم بىر يىللىق ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچتى.

شەرقىي شىمالدا، شال ئۇرۇقىنى نەملەپ بىخلاندۇرۇش ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلماقتا. ئىككى كۈن ئىلگىرى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى چىڭئەن ناھىيەسى چىڭئەن بازىرى فۇسۈن كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولغان سۈن خەيلىن 1500 كىلوگىرام شال ئۇرۇقىنى جيۇخۇڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزدى. باغچىنىڭ ئۇرۇقنى نەملەپ بىخلاندۇرۇش سېخىدا، خىزمەتچىلەر ئۇرۇقنى ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ كاپسۇللاپ، چىرايلىق شال ئۇرۇقلىرىنى تۈركۈم بويىچە ئۇرۇق نەملەش ساندۇقلىرىغا قاچىلىدى.

سۈن خەيلىن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىلدە سىرتقا چىقىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، ئۇرۇق نەملەشنى ۋاقتىدا قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق، ئەمدى تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان بولدى، بۇرۇنقى يىللاردىمۇ مۇشۇ چاغدا ئۇرۇقنى نەملەپ بىخلاندۇرۇشقا باشلايتتۇق. سۈن خەيلىن ئۇرۇقلارنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، مايسا ئېتىزىنى تۈزلەپ، بىخلاندۇرغاندىن كېيىنكى مايسا يېتىشتۈرۈش تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلدى.

بۇ يىل خېيلۇڭجياڭنىڭ ئاشلىق زىرائەت كۆلىمى 215 مىليون مودىن يۇقىرى بولۇپ، شال كۆلىمى مۇقىم بولۇش، كۆممىقوناق بىلەن بۇغداي كۆلىمى ئېشىش، دادۇر كۆلىمى ئازىيىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى. 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، دېھقانلار قارا تۇپراققا ئاشلىق تېرىشنى باشلايدۇ، 5-ئايدا مايسا كۆچۈرىدۇ، تۈرلۈك خىزمەتلەر بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خۇاڭخې-خۇەيخې-خەيخې تۈزلەڭلىكىدىكى كۈزگى بۇغدايلار ياخشى ئۆستى، دېھقانلار ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى باشلىدى. كۈزگى بۇغداي-يازلىق ئاشلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجۇ شەھىرى ۋۇچېڭ ناھىيەسى لۇچۈەنتۈن بازىرى جاڭماياۋ كەنتىدىكى ئۆزىنىڭ بۇغدايلىقىنى سۇغىرىۋاتقان كەنت ئاھالىسى ۋۇ يۈبو مۇنداق دېدى: بۇغداي مايسىلىرىمىز ياخشى ئۆسمەكتە، سۇغىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئازراق ئوغۇت بېرىمىز، مو بېشى مەھسۇلاتىنى مىڭ جىڭدىن ئاشۇرۇپ، يۇقىرى مەھسۇلات سەۋىيەسىنى ساقلىشىمىز مۇمكىن.

شەندۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتە شەندۇڭدىكى 60 مىليون موغا يېقىن يەردىكى بۇغداي مايسىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ئۆسمەكتە، بۇ يىل-يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى بىر قەدەر ياخشى يىل بولدى دېدى.

چاڭجياڭ ۋادىسىدا، قىچا بولۇق چېچەكلىدى، دېھقانلار مايسا يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى. جياڭشى ئۆلكىسى جىشۈي ناھىيەسى خۇاڭنىدۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىكى ئىككى سۈزۈك ئەينەكلىك چوڭ پارنىك ئىچىدە، دېھقانلار مايسا قاچىسىغا سۇ چىقىرىۋاتاتتى. جىشۈي ناھىيەسى لاۋچياۋ بازىرى شەنتۇ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولغان لى شۈنگېن 320 مو يەرگە شال تېرىشقا تەييارلاندى، ئۇ مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە شال مايسىسى زاكاز قىلدى، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا مايسا كۆچۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ يىل جياڭشى چىلگە شال تېرىشنىڭ مۇددىئادىكى كۆلىمىنى 18 مىليون مودىن ئاشۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلتۇرقىدىن بىر مىليون 500 مىڭ مو كۆپەيتتى.

بۇلۇت تېرىلغۇ تەييارلىقى، بۇلۇت مەسلىھەتى بېرىش-يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ئايلانماقتا. شەندۇڭدىكى نۇرغۇن تور ئەتىيازلىق تېرىلغۇسى، تور ئەتىيازلىق پەرۋىشى يېڭى ئەندىزىسى كۆپلىگەن كارخانىلار ۋە سۇپىلاردا باشلاندى. شەندۇڭ فېڭشىن يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى زەنجىرسىمان شىركىتى تەيئەن، نىڭياڭ قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ئۇچراشماي يەر تېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى دۇڭ جىنفېڭ شىركىتىمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى ئەزاسى بار، بۇ يىل ئەتىيازدىكى خېرىدارلىرىمىز ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يېڭىدىن %30 تىن كۆپرەك كۆپەيدى دېدى.

خۇبېي ئۆلكىسى نەنجاڭ ناھىيەسى توردا تېلېفون بىلەن مەسلىھەت بېرىش، ئۈندىداردا ئىش بېجىرىش، تېلېۋىزور، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تېخنىكىنى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغىچە يەتكۈزدى. نەنجاڭ ناھىيەسىدىكى ۋاڭ جىياۋ كۆكتات بازىسىدا، يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەن لازا مايسىسىدا كېسەل پەيدا بولدى، بازىنىڭ ئىشچىلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق، نەنجاڭ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىدىن ياردەم سورىدى، مۇتەخەسسىسلەر ناھايىتى تېزلا تېخنىكا يېتەكچىلىك ۋىدېيوسىنى ئۇلارنىڭ يانفونىغا ئەۋەتىپ بەردى، تېخنىكا مەشغۇلاتى بەك قولاي ئىدى. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى بولغان «جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش»تە، 380 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتكۈچى، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئالتە مىڭدىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسى تېخنىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، يىراق مۇساپىدىن مەسلىھەت بىلەن تەمىنلىدى.

توردىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال سېتىش، ئەمەلىي زاكازلىق تېرىلغۇ قاتارلىقلار بارغانسېرى كۆپ دېھقانلارنىڭ بۇلۇت تېرىقچىلىقىغا ئايلانماقتا.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى ھالەت بارلىققا كەلمەكتە

شەرقىي شىمالدا، شال ئۇرۇقىنى نەملەپ بىخلاندۇرۇش ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلماقتا.