ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 5G+4K/8K+A1 تاراتقۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 17:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىللىق ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 5G+4K/8K+AI تاراتقۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلاندى. نەق مەيداندا 5G تورى ئارقىلىق 8K دەرقەملىك سىن يەتكۈزۈش كۆرگەزمە قىلىندى ھەمدە قوبۇل قىلىنغان 8K سىگنالىنى تېز سۈرئەتتە تەھرىرلەيدىغان AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت مونتاژلىق سىستېمىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىكى خادىملارغا تاراتقۇ يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ھېس قىلدۇردى. باش ئىستانسا بۇ يېڭىلىق يارىتىشتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ يىللىق ئىككى يىغىننى ھەر تەپلىمە كۆپ نۇقتىلاردىن خەۋەر قىلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باش ئىستانسا ئىككى يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرى قاتارلىق ھەمكارلىشىدىغان ئورۇنلار بىلەن 5G مۇھىتىدىكى ۋىدېيودىن پايدىلىنىش ۋە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق پائال قانات يايدۇرۇپ، رادىيو تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن، باش ئىستانسا ئىشلىگەن 8Kلىق دەرقەملىق ۋىدېيو يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق سۈپسۈزۈك چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 5G+4K/8K+A1 تاراتقۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

2020-يىللىق ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 5G+4K/8K+AI تاراتقۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلاندى.