ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋۇخەن ھونېيۋىل شىركىتى گۈللەنمە بازار باش ئورگىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ھونېيۋىل شىركىتى گۈللەنمە بازار باش ئورگىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋۇخەن دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كې چياڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھونېيۋىل شىركىتى جۇڭگودىكى ئىستېمال بازىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ياخشى ھەمكارلىقنى ساقلاپ،  ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.  گۈللەنمە بازار باش ئورگىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تۈرىدە تېخىمۇ ئەقلى ئىقتىدارلاشقان ۋە بىخەتەر بولغان، ئاممىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىن بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى، پەن-تېخنىكا كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشى ۋە  جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قارىشى ئېلىش  ۋەدىسى ئۆزگەرمەيدۇ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار، جۇڭگو چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تېخىمۇ ياخشى تەڭ پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有