ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ 2020-يىللىق «خەلقئارا جانلىقلار كۆپ خىللىقى كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 10:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىللىق «خەلقئارا جانلىقلار كۆپ خىللىقى كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى، تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا دائىر بىرقاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن تۈزۈملەرنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغداشنى پۇختا ياخشى قىلىپ، دۆلەت باغچىسى سۇبيېكت قىلىنغان تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونلار سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «خەلقئارا جانلىقلار كۆپ خىللىقى كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىدا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ 2020-يىللىق «خەلقئارا جانلىقلار كۆپ خىللىقى كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى

2020-يىللىق «خەلقئارا جانلىقلار كۆپ خىللىقى كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى