ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

گو ۋېيمىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار مۇھىم رول ئوينىدى. بىز بۈيۈك مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتى، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىنى رەقەملىك نازارەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە   ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم دوختۇرخانا، ئايرىش رايونىغا كىرىپ، ماددىي ئەشيا، دورا يەتكۈزۈپ بەردى، داۋالاش، دىياگنوز قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى. 5G تېخنىكىسى ئارقىلىق خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، مىليونلىغان تور ئەھلى جۇڭگو مۆجىزىسىگە گۇۋاھ بولغان «بۇلۇت نازارەتچىسى» بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 5G+يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەڭ سەرخىل كەسپىي كۈچ توپلىدى، يىراقتىن ئوقۇتۇشتا «دەرس توختىتىپ،  ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يىراق مۇساپىلىك ئىش بېجىرىش-ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有