ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ قانداق پەرقى بار؟ تۆت يېڭى ئۆزگىرىش بار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى  ئېچىشىغا ئەگىشىپ، بىز «ئىككى يىغىن ۋاقتى»غا  رەسمىي قەدەم قويدۇق. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل كېچىكتۈرۈلگەندىن باشقا، يەنە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟

1-، يىغىن ۋاقتى مۇۋاپىق قىسقارتىلدى.  
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېچىلدى، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىكىدىن تۆت يېرىم كۈن قىسقاردى.

2-،بېيجىڭدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارلا يىغىنىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلار بېيجىڭغا كېلىپ يىغىننى زىيارەت قىلىشقا  ۋاقتىنچە تەكلىپ قىلمىدى، تاراتقۇلار ئاساسلىقى تور، ۋىدىيو، يازما شەكىلدە زىيارەت قىلىدۇ.

3-، ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلاردىكى تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ياكى توردا سۈرەت، يېزىق ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بولۇپمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلار يىغىنى، «ۋەكىللەر كارىدورى»، «ئەزالار كارىدورى»، «مىنىستىرلار كارىدورى» قاتارلىق زىيارەت پائالىيەتلىرى ۋىدىيو شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4-، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى   ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنى ئېچىۋېتىش ۋە مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاخبارات باياناتچىسى تەسىس قىلىپ، ئۆز ئۆمىكىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ قانداق پەرقى بار؟ تۆت يېڭى ئۆزگىرىش بار

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشىغا ئەگىشىپ، بىز «ئىككى يىغىن ۋاقتى»غا رەسمىي قەدەم قويدۇق.