ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-29 10:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4-قېتىملىق يىغىن ئاچتى، ھەيئەت رىياستىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىن ئىبارەت ئالتە قارار لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكىسى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جۇڭخۇانىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش قارارىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ،  ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەر قايسى قارار لايىھەلىرىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكىسى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى، ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جوڭخۇانىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش تەكلىپى بېرىلدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئايرىم ئايرىم ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4-قېتىملىق يىغىن ئاچتى، ھەيئەت رىياستىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.