ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئاساسى قاتلامنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-02 16:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاساسى قاتلامنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشىك ئالدىدىلا قولاي، ئەلا سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ ئاساسى قاتلامدىكى ئالاھىدە بىمارلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ۋىراچ+پەرۋىش خادىمى+داۋالىنىش سۇغۇرتىسى  خىزمەتچى خادىمى» قېلىپنى قوللىنىپ، 1300دىن ئارتۇق يۆتكىلىشچان داۋالاش ئەترىتى تەشكىللىدى،بۇ ئەترەت مەھەللە، يېزا بازارلارغا كىرىپ كېسەللەرنى داۋالاپ، دورا يەتكۈزۈپ بەردى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن قولاي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلار جەمئىي 790مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

شىنجاڭ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن ئاساسى قاتلامدىكى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا كەنتتىكى دوختۇرلارغا كۆپ يوللار ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، نۆۋەتتە ھەممە كەنتتە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرلىرى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كېسەل كۆرسىتىدىغان يەر بولۇش، دوختۇر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «كەسپىي ئورۇن ئىشتاتىدىكى يېزا كەنت دوختۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش، يېزا كەنت دوختۇرلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، يىراق مۇساپىلىك ئىزچىل تېببىي مائارىپ مەركىزى قۇرۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېزا كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسى قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى پۇختىلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئاساسى قاتلامنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلىدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاساسى قاتلامنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشىك ئالدىدىلا قولاي، ئەلا سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.