ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دېھقان ئىشلەمچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش پىلانى» يولغا قويۇلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-02 16:52

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «دېھقان ئىشلەمچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ھەر يىلى   يەتتە مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق  دېھقان ئىشلەمچىنى   تەربىيەلەشنى قارار قىلدى.

پىلاندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كارخانىنى ئاساس قىلىپ، ئىشلەۋاتقان ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىرتقا چىقىرىلىدىغان جاينى ئاساس قىلىپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىق، بىناكارلىق، مۇلازىمەت كەسپى، يەرلىك كەسىپلەر، ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى، يېمەك-ئىچمەك كەسپى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قايتا ئىشقا   ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

پىلاندا جايلاردىن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسىتى، تەربىيەلەشكە قاتناشقان نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم پۇلى سىياسىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有