ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-03 10:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى شەندۇڭنىڭ يەنتەي، چىڭداۋدا خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر،ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپلەر بويىچە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك.

لى كېچياڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تىجارىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. چۇاڭدىيەن شىركىتىدە، ئۇ يەنە قانداق قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىنى سورىدى، ئالاقىدار تارماقلاردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

لى كېچياڭ لەنسې جىگۇ قوش يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىدا مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇقىم مۈلۈككە ئېسىلىۋالماي، ئادەم كۈچى بايلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناۋەت نورمىسىنى كۆپەيتىش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بۇ خىل  كىچىك،  ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش  قىيىن  بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. كارخانا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بانكا پايدىنى مۇۋاپىق ئۆتۈنۈپ بېرىپ، كارخانىنى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا، بانكا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ. كارخانىلارنىڭ كۆپرەك خادىم، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دۆلەت بۇنى قوللايدۇ.

لى كېچياڭ جىفۇ رايونى كونا ئولتۇراق رايونىدا، ئولتۇراق رايوندىكى ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى تەكىتلىدى.

لى كېچياڭ سىرتتا يايما ئېچىۋاتقان دۇكان خوجايىنى بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت خەلقتىن تەركىب تاپقان، كۆپچىلىك كۈرەش قىلغاندىلا، كارخانا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ، تەرەققىي قىلالايدۇ، دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق يارىتىدۇ.

خەيئېر گۇرۇھىدا كارخانا مەسئۇلى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە سانائەت ئىنتېرنتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

لى كېچياڭ شەندۇڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى شەندۇڭنىڭ يەنتەي، چىڭداۋدا خىزمەت تەكشۈردى.