ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلاردىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 17:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2019ـ يىلى ئېلىمىز ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردا ئۇنۋاننى نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىدا «ئايرىم ئۆلچەم تۇتۇش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019ـ يىللىق ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىدا «ئايرىم ئۆلچەم تۇتۇش» خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

ھازىرغىچە، ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردا «ئايرىم ئۆلچەم تۇتۇش» ئارقىلىق جەمئىي 11 مىڭ 588 كىشىنىڭ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇپ، «ئايرىم ئۆلچەم تۇتۇش»تىن بۇرۇنقىدىن 7097 كىشى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %158.03 كە يېتىپ، ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى يېتىشمەسلىك، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلاردىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاشتى

2019ـ يىلى ئېلىمىز ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردا ئۇنۋاننى نىشانلىق