ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ چىقىش- «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى» ھەققىدە چۈشەندۈرۈش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 17:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟دەسلەپكى نەتىجىنى شەكىللەندۈرۈشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟

تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟

ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكنىڭ مەسئۇللىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن نيەنشيۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي لايىھەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى 4+1+6كە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

6 دېگىنىمىز، سودا، مەبلەغ سېلىش، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتى، خادىملارنىڭ كىرىپ ـ چىقىشى، تىرانسپورت بېرىش ـ كېلىشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛1 دېگىنىمىز زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ خەينەننىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ؛ 4 دېگىنىمىز باج، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇنچىللىق، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.

مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شوۋۋېن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي لايىھەگە ئاساسەن، 2025ـ يىلىدىن بۇرۇن ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بىرىنچى، ياڭپۇ باجدىن خالىي پورت رايونىدا «بىرىنچى سەپ»نى قويۇۋېتىش، «ئىككىنچى سەپ»نى باشقۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلىدۇ.

ئىككىنچى، «بىر سەلبىي، ئۈچ ئىجابىي» تىزىملىك تۇرغۇزۇلىدۇ، يەنى كارخانىلار ئىمپورت قىلىپ ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» پاسسىپ تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ؛ ئىمپورت تىجارىتىدە ئىشلىتىلىدىغان قاتناش قوراللىرىغا قارىتا، ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزى ئىشلىتىلىدىغان ياكى «ئىككى بېشى سىرتتا بولۇش» ئەندىزىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان خام ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار، شۇنىڭدەك ئارالدىكى ئاھالىلەر ئىستېمال قىلىدىغان چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشتا «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» ئىجابىي تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

ئۈچىنچى، بۇ يىل ئىچىدە چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسىنىڭ سەلبىي تىزىملىكى تۈزۈلىدۇ.

لىن نيەنشيۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئومۇمىي لايىھەنىڭ تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق ھالقا ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەر گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، «باشقۇرغاندىلا، ئاندىن قويۇپ بەرگىلى بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، قەدەم ـ باسقۇچ بويىچە يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش رىتىمى ياخشى ئىگىلىنىپ، تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.



















中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ چىقىش- «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى» ھەققىدە چۈشەندۈرۈش

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى