ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 16:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، نۇقتىلىق تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى ئومۇميۈزلۈك توسماقتا. بۇ قېتىمقى يۇقۇم شىنفادى توپ سېتىش بازىرىدا پەيدا بولدى، بۇ يەردە ئادەم كۆپ، يۆتكىلىش مىقدارى زور، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. بېيجىڭ ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق، يۇقۇم تارقىلىشتىن بۇرۇن تىرىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسماقتا.

بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا تىجارەت قىلىدىغان، مال سېتىۋالىدىغانلار ۋە خىزمەتچىلەر بولۇپ سەككىز مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلدى ھەم مەركەزلىك كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا يۆتكىلىپ، تېببىي جەھەتتىن مەركەزلىك كۆزىتىلدى. يۇقۇم بايقالغان خەيديەن رايونى يۈچۈەندۇڭ بازىرىدىمۇ ئوخشاش تەدبىر قوللىنىلدى. نۆۋەتتە، شىنفادىنىڭ ئەتراپىدىكى 11 ئولتۇراق رايونى ۋە يۈچۈەندۇڭ بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئون مەھەللىنىڭ ھەممىسى يېپىق باشقۇرۇلماقتا، ئولتۇراق رايونىدىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلمەكتە.

بېيجىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇيان شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا بارغان كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 16 گىچە، 200 مىڭغا يېقىن ئادەم تىزىملاپ ئېنىقلاندى، نۆۋەتتە مەھەللىنى بىرلىك قىلغان يېقىن ئەتراپتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم ئۆيلىرىدە كۆزىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى مەھەللە، كەنتلەردە «ئىشىك چېكىش ھەرىكىتى»نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئۇقتۇرۇش چاپلاش، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈش، تېلېفون، ئۈندىدار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىگىلىدى.

بېيجىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى شۈيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق مەھەللە، كەنتلەردە 3-دەرىجىلىك جىددىي ئىنكاس، 2-دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىلىپ، 1-دەرىجىلىك خىزمەت ھالىتىگە كىردى، بارلىق كىرىش ئېغىزلىرىغا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كۈچەيتىلدى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئۆي ئىچى پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئېچىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى. يۈز مىڭ مەھەللە، كەنت خىزمەتچىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى، شەھەر، رايونلاردىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلىرى يەنە بىر قېتىم مەھەللە، كەنتلەرگە چۈشۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئىش ئورۇنلىرىغا يېتىپ باردى.

بۇندىن باشقا، بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭ شىنفادى توپ سېتىش بازىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، تىزگىنلەش خىزمىتىدە ساقلانغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېزدىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى باشلىدى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەتنى تېزدىن قانات يايدۇردى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. تەكشۈرۈش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلماقتا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسماقتا

بېيجىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، نۇقتىلىق تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى ئومۇميۈزلۈك توسماقتا.