ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېمەكلىك، دورا ھالقىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 16:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋىدېيو يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى «كوئىنلۇن 2020» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك، دورا ھالقىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «كوئىنلۇن 2020» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يېمەكلىك-دورا ساھەسىدىكى جىنايى دېلودىن جەمئىي 5290 نى پاش قىلىپ، 1700دىن ئارتۇق جىنايەت ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 770تىن ئارتۇق جىنايەت شايكىسىنى يوقىتىپ، 8200دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 3 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېمەكلىك، دورا ھالقىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋىدېيو يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى «كوئىنلۇن 2020» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ،