ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاجراشقاندىن كېيىن بالا كىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كىمنىڭ ئارزۇسى ئەڭ مۇھىم؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 16:28

ئاجراشقاندىن كېيىن بالا كىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كىمنىڭ ئارزۇسى ئەڭ مۇھىم؟ بىز ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىن جاۋاب تاپقىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئالدى بىلەن بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. شەندۇڭنىڭ پىڭدۇدا جاڭ فامىلىلىك ئېرى بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن  ئاجراشقان، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق قىزىنى جاڭ فامىلىلىك باقىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان. بالىنىڭ دادىسى سۈن فامىلىلىك بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. ھۆكۈم نەتىجىسى چىقماي تۇرۇپلا، سۈن فامىلىلىك ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇخلاۋاتقان قىزىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن. سوت مەھكىمىسى كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، سۈن فامىلىلىك قىزنى جاڭ فامىلىلىككە قايتۇرۇپ بەرگەن.

ھازىرقى ئۆيلىنىش قانۇنى بويىچە، ئاجراشقاندىن كېيىن، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى بالىنى ئېمىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ بېقىشى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ. سۈتتىن ئايرىلغان بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ پۈتۈشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بالىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئۆيلىنىش، ئائىلە بۆلىكىدە «بالا ئېمىتىش مەزگىلى» «ئىككى ياش» قا ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە ئىككى ياشقا توشقان پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ بېقىش مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرگە ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئۆيلىنىش قانۇنى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى سۈن روجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: «ئېمىتىش مەزگىلى» نىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ئەسلىدىنلا ئېنىقسىزلىققا ئىگە، ھەر بىر كىشىدە پەرق بىر قەدەر چوڭ. ئىلگىرىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، بەزى دەۋالاشقۇچىلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «بالا ئېمىتىش» ۋاقتىنى قىسقارتىشقا ياكى ئۇزارتىشقا ياكى«بالا ئېمىتىش» مەزگىلى ئىچىدە ئالدىراپ-تېنەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا ئىلگىرىكى ئەدلىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىش قائىدىسى قوبۇل قىلىنىپ، بېقىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ئۆلچىمى تېخىمۇ مۇۋاپىق بېكىتىلدى، بۇ بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاجراشقاندىن كېيىن بالا كىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كىمنىڭ ئارزۇسى ئەڭ مۇھىم؟

ئاجراشقاندىن كېيىن بالا كىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كىمنىڭ ئارزۇسى ئەڭ مۇھىم؟ بىز ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىن جاۋاب تاپقىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.