ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېڭى ئۆيلىرى پۈتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 17:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىدې ناھىيەسى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ھازىرغىچە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان 7 نامرات ناھىيەنىڭ بىرى، بۇ يەردە يەنە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان 28 كەنت بار، لۇجى يېزىسى جۇڭبا كەنتى 28 كەنتنىڭ بىرى شۇنداقلا پۈتۈن ناھىيەدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نوپۇسى  مىڭدىن ئاشىدىغان كەنت، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭبا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىلغان ئاخىرقى بىر تۈركۈم 14 نامرات ئائىلە مەركەزلىك كۆچۈرۈلدى.

شوتىزېلۈننىڭ ئائىلىسى جۇڭبا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى 6 جان كىشى كونا ئۆيدە نەچچە ئون يىل تۇردى. باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە ئاساسەن، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئۇنىڭغا  يۈز كىۋادرات مېتىر ئۆيدىن بىر يۈرۈش تەقسىم قىلىندى، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندىلا ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆچۈرۈلگەن 14كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى جۇڭبا كەنتى بىرىنچى گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن بولۇپ، كەنتنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا يېقىن جايدا بولۇپ،  كۆچۈرۈلگەن 105 ئائىلىنىڭ ئۆيى ۋە فوشەن ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن 50 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ  يەرگە يەنە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر شىپاخانا، چارۋا مال بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك سودا بازىرى قۇرۇلدى.

ئاخىرقى 14 نامرات ئائىلىنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭبا كەنتىدە 410 نامرات ئائىلە ئولتۇرىدىغان بىخەتەر ئۆيلەر ھەل قىلىنىپ، ھەممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

ئىگىلىنىشچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە شىدې ناھىيەسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېڭى ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتكەن، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ بولغان، 2020-يىلى شىدې ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى  28 نامرات كەنت، 4070 ئائىلىدىكى 17053 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاشنى پىلانلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有