ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتى كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 17:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

{نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا  ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش} ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى

مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن يىلدىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ياشلار شەھەرلەردىن يېزىلارغا يۈزلىنىپ، يېڭى دېھقانلارغا ئايلاندى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ يېڭى ماھارىتىگە ئايلاندى.

شەنشى ئۆلكىسى پىڭلى ناھىيەسى دودو مېۋىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى ۋاڭ شيۇمېي مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر يول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ بىر خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى بۇرۇلۇشتۇر. ئەگەر دودو مېۋىچىلىكى تۈر جەھەتتىن ياردەم بەرمىگەن بولسا، ئەشمە كۆكى ئىشلەپچىقىرىشى بۇنچە ئۇتۇقلۇق بولمىغان بولاتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.

پىڭلى ناھىيەسى چىنبا تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 14 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايوننىڭ بىرى، شۇنداقلا ۋاڭ شيۇمېي  تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي، 2010-يىلى، ۋاڭ شيۇمېي تېخنىكا شۆيۈنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللايدۇ.

2019-يىلى 9-ئايدا ۋاڭ شيۇمېي دودو مېۋىچىلىكىگە كىرىپ، ئەشمە كۆكى تېرىغۇچى 51 نامرات ئائىلە بىلەن «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى دېھقانلار بېغى» ئەشمە كۆكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ئۇنىڭغا پىڭدودو دەسلەپكى مەزگىلدە 520مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، شۇ يەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىلغان 792 نامرات دېھقان ئائىلىسىنى تولۇق كەسىپ زەنجىرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى ئاساسى گەۋدە يەنى پايچىكلارغا ئايلاندۇردى.

 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، ۋاڭ شيۇمېي جۇڭگودىكى نەچچە ئون مىڭ يېڭى دېھقانغا ئوخشاش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى باشلامچى نۇقتىغا ئايلاندۇردى، ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇپ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى نىشانلىق سېتىۋېلىپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال ساتتى شۇنداقلا پايدىسىنى دېھقانلارغا بېرىپ، 51 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر ئالتۇن يىپقا ئوخشاش بارلىق يېزا كەنتلەر بىلەن غايەت زور بازارنى بىر بىرىگە باغلاپ، يېڭى دېھقانلارنى سەھنە بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تور سودىگەرلىرى 13مىليوندىن ئېشىپ، زور بىر تۈركۈم دېھقان ئىشلەمچىلەرنى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى، تاۋباۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدىلا 60مىڭدىن ئارتۇق يېڭى دېھقان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتتى.

بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە مەملىكەت بويىچە 832 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە يېزىلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەزىيەتكە قارشى يۈكسەلدى، توردا پارچە سېتىش سوممىسى 56مىليارد 560مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى.

سودا مىنىستىرلىقى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزىلارغا كىرىپ شەھەر ۋە يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروت راۋانلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بىرىنچى، يېزىلارنىڭ ئوبوروتتىكى كەمتۈكلۈكى تولۇقلاندى، ئىككىنچى، يېزىلارنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ئۈچىنچى، يېزىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىلدى، تۆتىنچى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتى كۈچ قوشتى

{نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش} ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى