ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 09:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلايلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ياخشى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىر يۈرۈش ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى توغرا تونۇشىمىز، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىمىز، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تەتبىقلاپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەيىمىزنى ئۆستۈرۈشنى نەزەرىيەۋى قوللانما ۋە ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى

ئىستانسىمىز «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.