ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن بېي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن تارتىپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن بېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 24كىچە بېيجىڭدا جەمئىي 116 كىشىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى دوكلات قىلىندى، بارلىق بىمارلارنىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى مۇناسىۋىتى بار، بۇ قېتىمقى توپلىشىپ يۇقۇملىنىش 9 رايون، 28 كوچا شۇنداقلا خېبېي، لياۋنىڭ، سىچۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدە ئالاقىدار بىمارلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئارقىلىق بېيجىڭ شەھىرى ئىنكاس دەرىجىسىنى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشىدى، چېن بېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ شەھىرى ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلگەندىن كېيىن توققۇزدا قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 15 تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىنكاس دەرىجىسى ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلگەن بېيجىڭ يەنە مەھەللىلەرنى يېپىق باشقۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كىرىپ چىقىش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش، كود سايىلەش، تىزىملاش قاتارلىقلاردىن كېيىن كىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىنىڭ تور ئوقۇتۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتمايدۇ، چېن بېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىگە تەڭشەشتە ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ھاجەتسىز، ئەمما ئىشخانىغا بېرىپ ئىشلەش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

چېن بېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە بېيجىڭ شەھىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى شۇنداقلا مەزكۇر شەھەردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق تەھلىل قىلىپ، باھالاپ، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى تەڭشەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى

6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن تارتىپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى،