ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز پەرقلەندۈرۈشچانلىقى يۇقىرى 9-نومۇرلۇق 03 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-18 13:52

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 15دىن 19مىنۇت ئۆتكەندە ئېلىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر ئىككىنچى نومۇرلۇقD  توشۇغۇچى راكېتاسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشچانلىقى يۇقىرى 9-نومۇرلۇق 03 سۈنئىي ھەمراھىنى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگۈزدى،  قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە يەنە پىشىڭ 3-نومۇرلۇق A سۈنئىي ھەمرىيى، خېدې 5-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمرىيىمۇ بىللە قويۇپ بېرىلدى، پەرقلەندۈرۈشچانلىقى يۇقۇرى 9-نومۇرلۇق 03 سۈنئىي ھەمراھى ئوپتىك يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمرىيى بولۇپ، يەر يۈزىدىكى تەسۋىرىي ئېلېمېنت پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا نامى دەرىجىسىگە يېتىدۇ، ئاساسلىقى دۆلەت زېمىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، شەھەر پىلانى، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، يول تورى لايىھەسى، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى مەھسۇلاتىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، «بىر بەلباغ،بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۇچۇر كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىللە قويۇپ بېرىلگەن پىشىڭ 3-نومۇرلۇق A سۈنئىي ھەمرىيى ئاساسلىقى كۆپ قېلىپلىق تەكشۈرۈپ تىزگىنلەيدىغان جاۋاب قايتۇرغۇچ بولۇپ، ئۇ سۈنئىي ھەمراھقا قاچىلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرونلۇق سىستېما قاتارلىق پىنا سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنى ئوربىتىدا سىناق قىلىدۇ. خېدې 5-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ئەھۋالى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇرىنى توپلايدۇ. بۇ قېتىمقىسى ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 335قېتىم ۋەزىپە ئۆتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有