ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قوراللىق ساقچى بىڭتۈەن باش ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-05 17:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى 104-تۈەنى چارۋىچىلىق ليەنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان، بۇ يەردە يۈز ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئولتۇراقلاشقان. قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1-تارماق ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، چارۋىچىلار ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ياساپ، كۆپ خىل ئىگىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى 104-تۈەنى چارۋىچىلىق ليەنى ئەسلىدە تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلىق چارۋىچىلىق رايونىدا بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. 2008-يىلى چارۋىچىلىق ليەنى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەۋى كۆز قارىشىدا بۇرۇلۇش ياساش، بېيىش ماھارىتى قاتارلىق تەرەپلەردە يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ساقلانغان ئىدى. چارۋىچى ئۈمىدخان قەھرىمان بىز چارۋا بېقىپ كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزنى كۈنلۈك ئۆتكۈزەتتۇق، خەنزۇچىنىمۇ بىلمەيتتۇق، قوراللىق ساقچىلار بىزگە ياردەم بەردى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى دېدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1-تارماق ئەترىتى 2015-يىلى چارۋىچىلىق ليەنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىللىقلىق، مېھرى-شەپقەت، داۋالاش، دورا يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى دائىملىق تەشكىللىدى. 2017-يىلى بۇ تارماق ئەترەت چارۋىچىلىق ليەنىگە ياردەم بېرىپ، باقمىچىلىق، كەشتىچىلىك، تېرىقچىلىق، ساياھەت قاتارلىق تۆت چوڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇردى، يەرلىكتىكى كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىق ليەنىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە پارنىك تېخنىكىسى جەھەتتىن تەربىيەلىدى، يەنە كەشتىچىلىك كۆرگەزمە زالى سېلىشىغا ياردەم بەردى. چارۋىچىلىق ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شۆيۈەن قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمى، تۈرتكىسىدە، چارۋىچىلارنىڭ ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمى 2017-يىلىدىكى 13 مىڭ 240 يۈەندىن ئېشىپ ھازىر 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى دېدى.

تارماق ئەترەت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ يۈيىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىق ليەنىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىمىز. بىز بۇندىن كېيىن نىشاننى توغرا بېكىتىپ، داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، كەسىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە قۇرۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئېھتىياجلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، داۋاملىق قوللاپ، ئۇلارنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ تېز يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قوراللىق ساقچى بىڭتۈەن باش ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى 104-تۈەنى چارۋىچىلىق ليەنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان